У нас вы можете посмотреть бесплатно «ئىسلام دىنىدا تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەتلەر» 3-دەرس: или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
«ئىلىم ئۆگىنىڭلار!چۈنكى ، ئۇنى ئۆگىنىش، ئاللاھ تائالادىن قورققانلىقنىڭ بەلگىسى ھەمدە ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر.ئىلىم ھەققىدە سۆھبەت قىلىش، ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىشقا تەڭدۇر.ئىلىم ئالغانلىقىڭىز بىر تۈرلۈك جىھاد ھېسابلىنىدۇ.ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش، يەتكۈزۈش سەدىقە قىلىش بىلەن باراۋەر.ئىلىمنى قەدىرلەيدىغانلارغا بېرىش، ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى ،ئىلىم:ھالالنى ھارامدىن ئايرىدىغان نۇر،جەننەت ئەھلىنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى چىراغ،يالغۇزلۇقتا يېقىن دوست،غۈربەتتە ھەمراھ،ياخشى ۋە يامان كۈنلەردە يول كۆرسەتكۈچى،گاڭگىراپ قالغاندا ئەقىل،دوستلارغا زىننەت، دۈشمەنگە كۈچلۈك قورالدۇر. ئاللاھ تائالا ئىلىم ئالغۇچىلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەزىز، مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن، دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ. ئىلىم ئىگىلىرىنى ئىنسانلار ئۇلارغا ئەگىشىدىغان، ھەر مۈشكۈلدە ئېزدەيدىغان، ياخشىلىققا يېتەكچى ۋە ئۆرنەك قىلىدۇ. ئىلىم ئالغۇچىلارنىڭ يولىغا پەرىشتىلەر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قاناتلىرىنى يايىدۇ. يەردە ۋە دېڭىزدا بولغان بارلىق مەخلۇقلار ئۇلارغا مەغپىرەت تىلەيدۇ. چۈنكى ،ئىلىم بىلەن:قارغۇ قەلبلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ.ئەقىل قاراڭغۇلىقى ئۈچۈن نۇر بولىدۇ. ئاجىز ۋە كىسەل بەدەنلەر ئۈچۈن ساقلىق بولىدۇ. ئىلىم بىلەن ئىنسان يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، شان-شەرەپكە ئېرىشىدۇ. خاقان ۋە پادىشاھلارنىڭ ھەم مەجلىسلىرىدە ئورۇن ئالىدۇ. ئىلىم ھەققىدە پىكىر قىلىش، نەپلە رۇزا تۇتقانغا باراۋەر. ئۇنى مۇزاكىرە قىلىش، كېچىنى قىيام قىلغانغا تەڭ. ئىلىم بىلەن: ئاللاھقا توغرا شەكىلدە ئىبادەت قىلىشقا،ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىقنى ئۇلاشقا،ھەمدە ھەر بىر ئەمەلنى توغرا شەكىلدە ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. ئۇ ئەمەل لەرنىڭ بېشى، ئىشنىڭ ئەسلىسى، ھەر مەسىلىنىڭ ئاساسى بولۇپ، پەقەت بەختلىك ئادەملەر ئىلىمدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بەختسىزلەر بولسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالىدۇ. تارقىتىپ ئەجىرگە ئېرىشىڭ.