• ClipSaver
ClipSaver
Русские видео
  • Смешные видео
  • Приколы
  • Обзоры
  • Новости
  • Тесты
  • Спорт
  • Любовь
  • Музыка
  • Разное
Сейчас в тренде
  • Фейгин лайф
  • Три кота
  • Самвел адамян
  • А4 ютуб
  • скачать бит
  • гитара с нуля
Иностранные видео
  • Funny Babies
  • Funny Sports
  • Funny Animals
  • Funny Pranks
  • Funny Magic
  • Funny Vines
  • Funny Virals
  • Funny K-Pop

Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن скачать в хорошем качестве

Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن 4 years ago

#uyghur

uygur

sanuber

senuber

doğu türkistan

nahxa

ghulja

gulja

ئۇيغۇر

غۇلجا

ناخشا

ۋەتەن

سەنۇبەر

سەنەۋەر

تۇرسۇن

سەنۇبەر تۇرسۇن

Не удается загрузить Youtube-плеер. Проверьте блокировку Youtube в вашей сети.
Повторяем попытку...
Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن
  • Поделиться ВК
  • Поделиться в ОК
  •  
  •  


Скачать видео с ютуб по ссылке или смотреть без блокировок на сайте: Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن в качестве 4k

У нас вы можете посмотреть бесплатно Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:

  • Информация по загрузке:

Скачать mp3 с ютуба отдельным файлом. Бесплатный рингтон Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن в формате MP3:


Если кнопки скачивания не загрузились НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru



Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن

(1937-يىلى ماخوسەن باندىتلىرى تەرىپىدىن گەنسۇغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر خوتەنلىك قىزنىڭ ئاغزىدىن) 1947-يىلى 12-دېكابىر، ئۈرۈمچى سەنۇبەر تۇرسۇندىن شېئىرنىڭ ناخشا بولۇشى ھەققىدە 2016 دېكابىردا دېگەنلىرى: مەن «قالدى»نىڭ تېكىستىنى «بۇلاق» ژورنىلىدىمۇ، قايسى بىر ژورنالدا «بۇ تېكست ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەمەس، ناسۇھا ئىمىننىڭ» دېگەن مەزمۇندىكى ئوبزور شەكىلدە يېزىلغان ماقالىدە كۆرگەن ئىدىم. بۇ تېكست ماڭا بەك تەسىر قىلغاچ، بۇ تېكىستنى ناسۇھا ئىمىننىڭ نامىدا كۆچۈرىۋالدىم. شۇ كۈنىلا ئاھاڭىنى ئىشلەپ چىقتىم، شۇ يەردە ئېيتىپلا ئاۋازغا ئېلىۋالدىم. كېيىن قايتىدىن تولۇقلاپ، بېيىتىپ ئىشلىدىم. ئۇ 2006-2007 يىللىرىغۇ دەيمەن. كېيىن يېقىنلىرىم بىلەن ئولتۇرغان سورۇنلاردا «مەن ناسۇھا ئىمىننىڭ شېئىرىغا مۇزىكا ئىشلىگەن، ئېيتىپ بېرەي» دەپ ئېيتتىم، ئۇلارمۇ ياخشى باھالارنى بەردى. بۇ ناخشىنى بۇلتۇر يازدا بۆرتالانىڭ چىندىن يېزىسىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «دېھقانلار شادلىقى» پروگراممىسىدا ئېيتىپ چىقتىم، بۇلتۇر 7-8-ئاي مەزگىللىرىغۇ دەيمەن. بۇ ناخشىنى ئورۇنلاشتىن سەل بۇرۇن مەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراھمان ئەبەي ئاكا بىلەن كۆرۈشكەن، ئابدۇراھمان ئاكا ماڭا: «بۇ تېكىست ناسۇھا ئىمىننىڭ ئەمەس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىدى، بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىمۇ بار» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تېلېۋىزورغا بەرگەندە شېئىرى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ دەپ ئالدىم. مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ توپلىمىدىكى بۇ شېئىرنى كۆرمەپتىكەنمەن، ناخشا تېكىستى بىلەن ئەسلى نۇسخىدا ئازراق پەرق بار ئىكەن، ئەمما بۇنى باشقىلار تەھرىرلەپ بەرمىگەن، مەن ژورنالدىن كۆچۈرىۋالغان نۇسخا بويىچە ئېيتقان. ئەگەر ئەسلىسىنى كۆرگەن بولسام «قالدى يۇرتۇم، قالدى تەختىم، قالدى مېنىڭ ھۆر جەننىتىم. ياۋ قولىدا قارا بەختىم، ئالتۇن بۆشۈك يۇرتۇم قالدى» دېگەن مىسرالار مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. بەلكىم ژورنالدىكى ماقالىدە «ئەسلى ئاپتورى ناسۇھا ئىمىن» دەپ ئالغان بولغاچقا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ توپلىمىدىكى نۇسخا بىلەن ئازراق پەرق بولسا كېرەك. بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى دۇتار، تەمبۇر، ساتار بىلەن چالدۇردۇم. ئىنىم ھەسەنجان ساتار، ھۈسەنجان دۇتار، ئالىمكامنىڭ ئوغلى شۆھرەت تەمبۇر چالدى. مەشىق جەريانىدا ئاۋال ئۇلارغا ناخشىنى ئۆزى يالغۇز ئېيتالىغۇدەك دەرىجىدە پىششىقلىغۇزدۇم. قەيەردە يۇمشاق ئالىمەن، مۇزىكىنى پەسرەك، بوشراق چېلىش، قەيەردە ساتار ئالدىغا چىقىش دېگەندەك ئىشلاردا ئۆزەم يول كۆرسەتتىم، ناخشامغا بويسۇنۇپ چېلىشقا يىتەكلىدىم. ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك ئۆز-ئارا پاراڭلاشقاندەك چېلىش ئۇسۇلىنى مۇشۇ ناخشامدا قوللاندۇق. چۈنكى بۇ ناخشىنى باشقىلار تۇنجى قېتىم ئاڭلايدىغان بولغاچقا، مۇزىكا جەھەتتىمۇ سۈپەتلىك چىقىشى، باشقىلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلىشى، قايتا ئاڭلىغۇسى كەلگۈدەك بولۇشى كېرەك. مەن ناخشىنى شۇنداق لەرزان ئورۇنداشقا، ئاھاڭنىمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىشقا يىتەكلىدىم، خۇددى مېنىڭ سۆزلىرىم تەمبۇر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك چىقىرىشقا تىرىشتىم، تەمبۇرنى ئۆزەمگە ئەگەشتۈردۈم. ناخشىنى ئىلى ئوبلاستلىق ئۆمەكتە ئىشلەيدىغان ئابلىمىتجاننىڭ ئۆيىدە ئاۋازغا ئالدۇق. ئەڭ ئاۋال مەن ئۆزۈم يالغۇز دۇتار بىلەن ئېيتىۋەتتىم، چۈنكى ئاۋازغا ئېلىش ئۆيى بەك كىچىك، بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا ئادەم كىرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شۆھرەت مېنىڭ دۇتار بىلەن چالغىنىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ تەمبۇر بىلەن ئورۇنلىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ھۈسەنجان دۇتارنى، ھەسەنجان ساتارنى ئورۇنلىدى. ئۈچەيلەن چېلىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۆزەمنىڭ دۇتار مۇزىكىسىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇلار چالغان دۇتار، ساتار، تەمبۇر مۇزىكىسىنى بىللە قويۇپ يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ چىقتىم. ئۈچىسىنى ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن بىراق قويۇپ ناخشىسىنى ئېيتتىم، ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى ھېساب بولدى. ھازىر ئاۋازغا ئېلىشتا ئاساسەن مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، مۇشۇنداق ئالىدۇ. ئاۋاز تېخنىكلىرىمۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۈچ چالغۇنى تەڭلا ئالسا بىر-بىرىگە تەسىر قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئەگەر شارا’ئىت بولسا ئۈچ سازنى تەڭ چېلىپ، مەنمۇ نەق شۇ ۋاقىتتقا ئېيتسام شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىيات تېخىمۇ ياخشى چىقاتتى دەپ قارايمەن. مەن ئەسلى شېئىرنى كۆرمىگەن، شۇڭا تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما ئوقۇش جەريانىدا شائىرنىڭ قانداق ھېسسىياتتا يازغانلىقى مەلۇم بولۇپ بولىدۇ. بۇ شېئىرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى ئابدۇراھمانكام تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.

Comments
  • Senuber Tursun. Сәнубәр Турсун. سەنۇبار تۇرسۇن 2 years ago
    Senuber Tursun. Сәнубәр Турсун. سەنۇبار تۇرسۇن
    Опубликовано: 2 years ago
    27647
  • Senuber Tursun Collection - Live Performance | Best Uyghur Songs 1 year ago
    Senuber Tursun Collection - Live Performance | Best Uyghur Songs
    Опубликовано: 1 year ago
    8412
  • Eqidem shu,  Әқидәм шу, ىەقىدەم شۇ 9 months ago
    Eqidem shu, Әқидәм шу, ىەقىدەم شۇ
    Опубликовано: 9 months ago
    20788
  • Yar Wesli - Senuber Tursun ⎢ يار ۋەسلى - سەنۇبەر تۇرسۇن 4 years ago
    Yar Wesli - Senuber Tursun ⎢ يار ۋەسلى - سەنۇبەر تۇرسۇن
    Опубликовано: 4 years ago
    1826
  • Nurmemet Tursun/ نۇرمەمەت تۇرسۇن 3 years ago
    Nurmemet Tursun/ نۇرمەمەت تۇرسۇن
    Опубликовано: 3 years ago
    14310
  • Senuber Tursun Tallanma Naxshiliri  -  سەنۇبەر تۇرسۇن تاللانما ناخشىلىرى  -  Uyghur Songs Collection 1 year ago
    Senuber Tursun Tallanma Naxshiliri - سەنۇبەر تۇرسۇن تاللانما ناخشىلىرى - Uyghur Songs Collection
    Опубликовано: 1 year ago
    14958
  • Nahshimiz Kirimaydu  / ناخشىمىز قېرىمايدۇ 4 years ago
    Nahshimiz Kirimaydu / ناخشىمىز قېرىمايدۇ
    Опубликовано: 4 years ago
    87740
  • Uyghur folk song - Qapqara qoy közlügüm | ili 4 years ago
    Uyghur folk song - Qapqara qoy közlügüm | ili
    Опубликовано: 4 years ago
    121548
  • Dilber Ababekri Tallanma Naxshiliri  - دىلبەر ئابابەكرى تاللانما ناخشىلىرى - Uyghur Songs Collection 1 year ago
    Dilber Ababekri Tallanma Naxshiliri - دىلبەر ئابابەكرى تاللانما ناخشىلىرى - Uyghur Songs Collection
    Опубликовано: 1 year ago
    22697
  • Osman Memtimin Осман Мәмтимин ئوسمان مەمتىمىن 2 years ago
    Osman Memtimin Осман Мәмтимин ئوسمان مەمتىمىن
    Опубликовано: 2 years ago
    34441

Контактный email для правообладателей: [email protected] © 2017 - 2025

Отказ от ответственности - Disclaimer Правообладателям - DMCA Условия использования сайта - TOS



Карта сайта 1 Карта сайта 2 Карта сайта 3 Карта сайта 4 Карта сайта 5