У нас вы можете посмотреть бесплатно 8-نۆۋەتلىك или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
#ھۇررا! ھۇررا! ھۇررا سادالىرى ئىچىدە 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى (سەيشەنبە) ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپى ئالاھىدە قوللىغان 8-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى!⚽ بۇ قىتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار ئالدىنقى يىللاردا چىمپىيون ياكى 1-، 2- بولغان كوماندىلار بولۇپ رىقابەتنىڭ كەسكىن بولۇشى ئىنىق ئىدى.⚽ ئالدى بىلەن مەيدانغا چۈشىدىغىنى، ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش ئۈچۈن ئايلانما مۇسابىقىلەردە ئوخشاش گۇرۇپپىدا ئوينىغان ئىلى مەشرەپ ۋە ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى بولۇپ، ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى بۇندىن بۇرۇن ئىككى قېتىم ھۇررا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن كوماندا، ئىلى مەشرەپمۇ ھەر يىلى ھەل قىلىغۇچ مۇسابىقىلەرگە كىرىۋاتقان كوماندا ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ مۇسابىقە ناھايىتى جانلىق داۋاملاشتى، ئىككىنچى مەيداندا بولسا ئىلى مەشرەپ كوماندىسى ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىغا قاتتىق قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ نەتىجىنى 4-4 قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان مىنۇتلاردا ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇسابىقە 4كە قارشى 5 نەتىجە بولۇپ، ئوقۇ ئۇيغۇرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى. بۈگۈنكى مۇسابىقىدە كەيپىيات ۋە رىتىم تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان يەنە بىر مۇسابىقە بولسا، بۇندىن بۇرۇن بىر قانچە قېتىم چىمپىيون بولغان ئەينەك كوماندىسى بىلەن تەجرىبىلىك سايرام كوماندىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. ھەقىقەتەن ھەرئىككى كوماندا ئەزالىرى قاتتىق تەييارلىق بىلەن مەيدانغا چۈشتى، تاماشىبىنلارمۇ قاتتىق ھاياجان بىلەن پۈتۈن دېققىتى يىغىپ مەيدانغا مەركەزلەشكەن ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سايرام كوماندىسى ئەينەك كوماندىسىغا بىر توپ ئۇردى ۋە 1-0 نەتىجە مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دېگەن ئاخىرقى مىنۇتقىچە ئوخشاش داۋام قىلدى. بۇ ئارىلىقتىكى ھەرئىككى كوماندىنىڭ قاتتىق ھۇجۇملىرى ۋە ھاياجان بىر مىنۇتمۇ سۇسلاپ قالمىدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بىر مىنۇت قالغاندا بولسا ئەينەك كوماندىسى قارشى تەرەپ ۋارتاسىغا بىر توپ ئۇرۇپ، نەتىجىنى 1-1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. ھەرئىككى كوماندا ۋە تاماشىبىنلار قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە، رىپىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە نۇقتا توپ جېڭىگە مەركەزلەشتى. ئەجەللىك بۇ نۇقتا توپ جېڭىدە ھەرئىككى كوماندا بىرگە-بىر مېڭىپ بىر قانچە توپ ۋاراتارغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا مۇسابىقە سايرام كوماندىسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى. شۇنداق قىلىپ دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى شۇئارىنىڭ روھى بويىچە تەرتىپلىك ۋە دوستانە ئېلىپ بېرىلغان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنھەرىكەت قىزغىنلىقى ۋە بەدەن ساپاسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش مەقسەت قىلىنغان 8-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بىرىنچى بولغان 🥇سايرام كوماندىسى 25000 لىرا نەخ پۇل، لوڭقا ۋە مىدال بىلەن،ئىككىنچى بولغان🥈 ئەينەك كوماندىسى 20000 لىرا نەخ پۇل، لوڭقا ۋە مىدال بىلەن، ئۈچىنچى بولغان🥉 ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى 15000 لىرا نەخ پۇل، لوڭقا ۋە مىدال بىلەن مۇكاپاتلاندى.🏆 ئۇندىن باشقا ئابدۇللاھ ئارىفئوغلى🏆 ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى، ئابدۇلھەكىم باتۇر🏆 ئەڭ ياخشى ۋاراتار، ھەمزە ھاشىمئوغلى🏆 ئەڭ ياش پۇتبولچى بولۇپ باھالىنىپ بۇلارغىمۇ ئايرىم-ئايرىم 1000 لىرا نەخ ۋە لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلاندى.⚽️⚽️⚽️⚽️ ئاخىرىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ئەزىمەتلەرگە، سادىق كۆرۈرمەنلەرگە ۋە يىللاردىن بىرى ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا خالىس تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان مىرسالى قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيىتىمىز. ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپى