У нас вы можете посмотреть бесплатно 16/11/2022 ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى سۇناك: خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىمىزگە ئەڭ چوڭ تەھدىد или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى ئۆيىدىن تېپىلدى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش يۇقۇملۇق تەدبىرلەرنى باھانە قىلىپ 106 كۈندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاچارچىلىق قىرغىنچىلىقىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ئۆيلىرىگە قامالغان كىشىلەر ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىش بىلەن بىرگە، كېرەكلىك تىببىي داۋالاش ۋە دورىغا ئېرىشەلمىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ قوتانلىرىدىكى چارۋىلار ۋە ئېتىزىدىكى زىرائەتلەر خاراب بولغان. يېڭى كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ئۆيلەردىن ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغان. يېقىندا ئۈرۈمچىدە تارتىلغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. خىتاي بۇ يىل تارىمدىن 27 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن 27 مىليون 360 مىڭ توننا نېفىت-تەبىئىي گاز بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. خىتاي دىۋىزىيە تورىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 140 مىڭ توننا ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، نېفىت سۇيۇقلۇقى جەمئىي 6 مىليون 195 مىڭ 500 توننا، تەبىئىي گاز جەمئىي 26 مىليارد 566 مىليون كۇب مېتىر ئىكەن. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى سۇناك: خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىمىزگە ئەڭ چوڭ تەھدىد ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك خىتاينى ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە «تەھدىت» دەپ تەسۋىرلىدى. سۇناك ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندا: «مەن سەمىمىيلىك بىلەن خىتايغا بولغان كۆز قارىشىمنى ئىپادىلەيمەن، مېنىڭچە خىتاي ئېنىقلا سىستېمىلىق تەھدىد. بۇنى قىممەت قارىشىمىز، مەنپەئەتىمىزگە سىستېمىلىق رىقابەت دەپ ئاتايمىز. شۈبھىسىزكى، خىتاي بىزنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت تەھدىتى» دېدى. سۇناق تەيۋەننى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا قوللاشقا ۋەدە بەردى. تەيۋەن شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشكەندە تەيۋەن مەسىلىسىگە بەرگەن باھاسىغا قارشى تۇرغان. تەيۋەن خىتاي مۇناسىۋەت كېڭىشى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت، ئۇ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچكى ئىشىمۇ ئەمەس» دېدى. ئىگىلىنىشىچە، تەيۋەن بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشىنىڭ پەقەت خىتاي خەلقىنىڭ مەسىلىسى ۋە دۆلەتنىڭ «ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شى جىنپىڭ: «كىم تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىماقچى بولسا، ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، خىتاي خەلقى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ» دېگەن. كورىيە: خىتاي شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ئاكتىپ ۋە ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك كورېيە پرېزىدېنتى يون سۇك يېئول خىتايدىن كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى. يون سۇڭ يېئول شىمالىي كورىيەنىڭ يېقىندا يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىملىق ئەزاسى ۋە قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئاكتىپ ۋە ئىجابىي رول ئوينىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur