Русские видео

Сейчас в тренде

Иностранные видео


Скачать с ютуб Zulpiqar MuhammadAli | Uyghur | 2016 WBO Bokus Musabiqisi Chimpiyoni Boldi | Altun Kamarni Taqidi в хорошем качестве

Zulpiqar MuhammadAli | Uyghur | 2016 WBO Bokus Musabiqisi Chimpiyoni Boldi | Altun Kamarni Taqidi 8 лет назад


Если кнопки скачивания не загрузились НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу страницы.
Спасибо за использование сервиса savevideohd.ru



Zulpiqar MuhammadAli | Uyghur | 2016 WBO Bokus Musabiqisi Chimpiyoni Boldi | Altun Kamarni Taqidi

Zulpiqar MuhammadAli | Uyghur | 2016 Dunya Bokus Musabiqisi Chimpiyoni Boldi | Altun Kamarni Taqidi ئۇيغۇرئوغلانىمىز زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى دۇنياۋىي بوكس مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى زۇلپىقار ئالتۇن كەمەرنى قولغا كەلتۈردى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇشت كۈچى ئىتتپاقى» مۇسابىقىسىدە پەخىرلىك ئوغلانىمىز زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى چىمپىيون بولۇپ «شەرق ئالتۇن كەمىرى» نى قولغا كەلتۈردى. ئوغلانىمىز زۇلپىقار بوكسىچىلىق ساھەسىدە ئالتۇن كەمەرنى قولغا كەلتۈرۈپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى شۇنداقلا شىنجاڭ خەلقىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. زۇلپىقار دەسلەپكى مەيداندا رەقىبى توماس ماشالىنىڭ ماھارىتىنى سىناش مەقسىتىدە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن بىر مەيدانى تۈگىتىپ، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدىن باشلاپ توماس ماشالىنى يىقىتىش ئۈچۈن «زەربە» بېرىشكە باشلىدى. زۇلپىقارنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن ئەپچىل ھەم يەڭگىل بولۇپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. زۇلپىقار تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىگە كەلگەندە 53 سىكۇنت ئىچىدە بارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ رەقىبى توماس ماشالىنى يىقىتىپ WBO شەرق ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشتى ھەم دۇنياۋىي بوكس ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. مۇسابىقە جەريانىنى باشتىن ئاخىرى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان زۇلپىقارنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ ئەڭ ئاخىرق نەتىجىسىنى كۆرۈپ كۆزىدىن ھاياجانلىق ياشلىرى تۆكۈلدى. زۇلپىقار مۇنداق دېدى: « بۈگۈن مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا بوكس مۇسابىقىلىرىنى ئىنتايىن قىزىقىپ كۆرەتتىم. مېنىڭ داداممۇ بوكس ترېنېرى، مېنىڭ ئارزۇيۇم بولسا دۇنياۋىي بوكس ماھىرى، خەلقئارا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك بوكسچى بولۇش ئىدى. بۈگۈن مەن بۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. مەن ھازىر تۇنجى قەدىمىمنى باستىم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغان ماھىر دەل مەن بولىمەن». ئوغلانىمىزنى پۈتۈن خەلق كۆرگىچە تارقىتايلى! بوكس ساھەسىدە چاقنىغان يۇلتۇزىمىز، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغان، دۇنياغا تونۇتقان بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز. زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇ ھەممىمىزنىڭ پەخرى! تىرىشچانلىق ۋە يۈرىكىدە ئۇرغۇپ تۇرغان «بوكس» تىن ئىبارەت ئارزۇ-ئارمان ئۇنى بۈگۈنكى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. تىرىشچانلىق+ئارزۇ+نىيەت= مۇۋەپپەقىيەت. ئۇنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى نۇرغۇن قېتىم يىقىلىش، تاياق يىيىش ۋە جاپالىق چېنىقىش بەدىلىگە كەلگەن، ئۇنىڭ ئاققۇزغان ھەر بىر تامچە تەرى بىكارغا ئاقمىدى. پىشانىڭىزدىن چىققان تەر-كېيىنكى بەختىڭىزنىڭ، نەتىجىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر! زۇلپىقارنىڭ نەتىجىسى بىزگە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. قىيىنچلىققا دۇچ كەلگەندە ۋاز كەچمەي ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا پارلىق كەلگۈسى، سەھنە سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. https://uyghurtv.blogspot.com ---- I Like it! So Subscrib ----

Comments