У нас вы можете посмотреть бесплатно ئىستانبۇل فەتھىنىڭ 568 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
1432 - يىلى 30 - مارت كۈنى، ئەدىرنە سارىيىدا بىر تەنتەنە بار ئىدى. ئەسلىدە، تەنتەنە پەقەت بىر شاھزادىنىڭ تەۋەللۇتى بائىس ئەمەس، دەۋلەتى ئالى ئوسماننىڭ يېڭى ئۇپۇقلىرى، جاھان شۇمۇل ئىمپېرىيىنىڭ شەپەق تەنتەنىسى مۇھەممەد خان ئىدى. ئىستىدادىنى قاندۇرۇشقا نە ساناقسىز كۇتۇپخانىلار، نە ئوردىغا تولۇپ تاشقان ئالىملار يېتەتتى. ياش تۇرۇپلا ئۆتكۈر ئەقىل - پاراسىتىنى، ئىلىم - ئىرپان بىلەن بىلەيلىدى. پەقەت دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى سەنئەت ۋە ئىلىم - پەننىڭ سىرلىرىغىمۇ ھۆكۈمران بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، چۈنكى قەلبىدە بىر سەۋدا بار ئىدىكى، كۈندۈزى ئوي - خىيالىدىن، كېچىسى چۈش - رۇيالىدىن چىقمايتتى. تېخى تەختكە چىقماي تۇرۇپ ئۇ چۈشىنى قانداق روياپقا چىقىرىشنى پىلانلاشقا باشلىغانىدى. «كونستانتىنىيە ئەلۋەتتە بويسۇندۇرۇلىدۇ. ئۇنى بويسۇندۇرغان قوماندان نېمىدېگەن ئېسىل قوماندان، ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن» كونستانتىنىيە - شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك گۆھىرى، ھەيۋەت ۋە قۇدرەتنىڭ يەر يۈزىدىكى تەختى. گۈزەللىكى تەڭداشسىز، ئورنى ۋە ھۆكۈمى بىباھا ئىدى. ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەش ئېغىر ئەمەس ئىدى.