У нас вы можете посмотреть бесплатно تىل بار يەردە — مىللەت بار، مىللەت بار يەردە — ئۈمىد بار. رادىيو خەۋەرلىرى 7 سان или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
ئاڭلاۋاتقىنىڭلار ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى خىل كۈرەش بىر ۋاقىتتا داۋام قىلماقتا. بىرى — ئۆز كىملىكىمىزنى، تىلىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى. يەنە بىرى — دۇنيادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئارىسىدا مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە، سىياسى ئاڭ سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈش كۈرىشى. ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەپتىلىك رادىيو خەۋەرلىرى پروگراممىمىز ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ: — دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر يېڭىلىقلار — ۋە خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر بۈگۈنكى پروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلىكى بولغان دىئاسپورا يېڭىلىقى ئامېرىكىدىكى بىر ئاناتىل مەكتىپى ھەققىدە بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئەڭ چوڭ ئەندىشىلەرنىڭ بىرى — كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەش، ئۇيغۇرچە ئويلاش ۋە ئۇيغۇرچە ياشاش ئىمكانىيىتىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدۇر. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېتىشى، دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى، ھەتتا بەزى كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە قەدەر بارغان سىياسەتلەر — دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئويغا سالدى. «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دە، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم ئۆز تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن نامايان قىلدى. 2017-يىلى قۇرۇلغان ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ناھايىتى مول مەزمۇن، قىزغىن كەيپىيات ۋە چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق خەۋىرىمىزنىڭ مېھمىنى — مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى، سۈرەييا ئابلىمىت خانىم. ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، رادىيو خەۋەرلىرى پروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى بولغان خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەردە بولسا دۇنيا سىياسىتىدە دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلىگە نەزەر سالىمىز. ئاخىرقى يىللاردا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا سىياسىي ۋە ھەربىي ئەندىشىلەر كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. رايوندىكى قوراللىق توقۇنۇشلار، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئارىسىدىكى كۈچ سىناقلىرى، ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇ رايونغا بولغان ستراتېگىيەسى دۇنيا سىياسىتىدىكى مۇھىم مۇنازىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئاخىرقى بىر ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى خەلقئارا سىياسەتتە زور دىققەت قوزغىدى. ئىران بىخەتەرلىك سىياسىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئەلى لارىجانى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدۇ» دەپ بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى «رايوننى قالايمىقانچىلىققا ئىتتىردى» دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ يەنە ترامپنىڭ «ئامېرىكا مەنپەئىتى بىرىنچى» شۇئارىنى «ئىسرائىلىيە مەنپەئىتى بىرىنچى» غا ئايلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خەتەرگە ئېلىپ بارماقتا، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ باياناتلار ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خەلقئارا ئېنېرگىيە بازارلىرىمۇ بۇ جىددىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇردى. بۇ ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دېگەن كونا پوزىتسىيەنى قايتا تەكرارلىدى. بىراق خەلقئارا ئانالىزلارغا قارىغاندا، خىتاي ئىراننى ئاساسىي ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقچى سۈپىتىدە قوغداشقا تەييار ئەمەسكەن. بەزى سىياسىي تەھلىللەرگە قارىغاندا: خىتاي ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە رايوندىكى نېفىت يەتكۈزۈشنىڭ توختاپ قالماسلىقى خىتاي ئىران بىلەن سودا قىلىدۇ، بىراق ئىرانغا تايىنىپ قالمايدۇ. ئەگەر ھۆرمۇز بوغۇزىدىكى نېفىت يوللىرى خەتەرگە دۇچ كەلسە، بېيجىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرىشى مۇمكىن دېيىلمەكتە. باشقىچە ئېيتقاندا، خىتاي ئۈچۈن ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ساقلىنىشىغا قارىغاندا، رايوندىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بەكراق مۇھىم. بۈگۈنكى سۇئالىمىز شۇكى: بۇ ئۇرۇش پەقەت بىر قېتىملىق ھەربىي توقۇنۇش بولامدۇ؟ ياكى ئۇ رايوندىكى سىياسىي كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىدىغان چوڭ بۇرۇلۇشقا ئايلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خەلقئارا سىياسەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي تەھلىلچى، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى نىجات تۇرغۇن بەگ بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. • ئىران ئۇرۇشى رايون سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ • خىتاي نېمە ئۈچۈن ئىراننى ئاشكارا قوللاشتىن ساقلىنىۋاتىدۇ؟ • بۇ جىددىيلىك ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى قانداق ئۆزگەرتىشى مۇمكىن؟ • بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۈگۈنكى تۇنجى مۇھاكىمىمىزدە، بۇ سۇئاللارغا نىجات بەگ بىلەن بىرلىكتە جاۋاب ئىزدەيمىز. دۇنيا تارىخى بىزگە بىر نەرسىنى كۆرسەتتى: مىللەتلەر پەقەت سانى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىرادىسى بىلەن ياشايدۇ. ئەگەر بىر مىللەت ئەۋلادلىرىغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنى توختاتمىسا، ئەگەر بىر مىللەت ئادالەت ئۈچۈن سۆزلەشنى توختاتمىسا، ئۇ مىللەت دۇنيا سەھنىسىدىن ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمەيدۇ. بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە بىز تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن بەتلىرىنى يېزىۋاتقان بولىشىمىز مۇمكىن، بەزىدە دىئاسپورادىكى كىچىك پائالىيەتلەردە، بەزىدە بولسا دۇنيا سىياسىتىنىڭ چوڭ سەھنىلىرىدە. ئەمما تارىخنىڭ كېيىنكى بەتلىرى بەلكىم بۈگۈنكى قېيىنچىلىقلار بىلەن تاۋلانغان ئىرادىمىز بىلەن يېزىلىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى رادىيو خەۋەرلىرىمىز مۇشۇ جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.