У нас вы можете посмотреть бесплатно كېيىنى ئەرۋاھ - سەبىرە مۇھەممەت или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىسى سەبىرە مۇھەممەتنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى ئورۇنلاشتۇرغان 7-قېتىملىق «مەن ناتىق» ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ #ئىزدىنىش_ئەلچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «كېيىنكى ئەرۋاھ» ناملىق ئەسىرى... كېيىنكى ئەرۋاھ يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، ئىمتىھان نەتىجىلىرىم تۆۋەن بولغاچقا دادام مېنى جازالىماقچى بولدى. ئەمما مەن ئۈچۈن بۇ جازا ئەمەس، بەلكى مۇكاپات ئىدى. دادام مېنى يازلىق تەتىلدە مومامنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى. مەن مومامنىڭ يېنىغا، يەنى بىر يېزىغا كەلگەن ئىدىم. قارىماققا دەسلەپتە بەك زېرىكىشلىك جايدەك قىلاتتى، ئەمما مەن ئاستا – ئاستا بۇ يەرگە كۆنۈشكە باشلىدىم. دەسلەپتە مەن بوش ۋاقىتلىرىمدا سىرتتا ئوينايتتىم. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن ھەم ئۆگىنىپ، ھەم سىرتتا ئوينايدىغان بولدۇم. دوستۇم مىنا ماڭا ئەرۋاھلار ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. دەسلەپتە مەن ئاڭلىمىدىم، ۋە ئۇنى يالغان دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۇ داۋاملىق سكزلەۋەرگەندىن كېيىن مەن ئاستا-ئاستا ئىشىنىپ قالدىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىرەيلەن مومامغا تېلېفون قىلدى، ئۇ مېنىڭ دادام ئىدى. دادام ئىلگىنغا ئەتە چۈشتىن كېيىن زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىمىزنى دەپ قويامسىز، يازلىق تەتىلمۇ تۈگەي دېدى، دەپ مومام بىلەن خوشلاشتى... دادام كېلىشتىن بۇرۇن دوستلىرىم بىلەن خوشلاشتىم. ھەم مىنانىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. دادام كەلدى. مەن نەرس – كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ مومام بىلەن خوشلاشتىم. بىز يولغا چىقتۇق. مەن يولدا مىنا بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتىم. ئۇ ماڭا يەنە ئەرۋاھلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرلەر ئىلگىرىكى كىتابلاردىن سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئانامنى قۇچاقلىدىم، ئۇنىڭ ئېتىپ بەرگەن تاماقلىرىنى بەكمۇ سېغىندىم. ئانامنىڭ تاماقلىرىنى يەپ بولغاندىن كېيىن ھۇجرامغا قايتتىم. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەرۋاھلار راسمۇ دەپ گوگېلغا يازدىم، گوگېلدىن كەلگەن جاۋاپلار «ياق» ئىدى. ئۇ كۈندىن باشلاپ مەن مىنانى يالغانچى دەپ ئاتىدىم.