У нас вы можете посмотреть бесплатно ... شۇنداق كىشىلەر باركى или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
ئالتۇندىن قىممەتلىك سۆزلەر دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ: شۇنداق كىشىلەر باركى، جان ئۈزگەندىن كېيىنمۇ چۈشلىرىمىزدە مېھمىنىمىز بولىدۇ، يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ھايات يۈرگىنى بىلەن ئاللاھنىڭ سالامىغمۇ جاۋاب بەرمەيدۇ. شۇنداق كىشىلەر باركى، ئېسىل قەسىرلەردە ياشاپمۇ، قەلبى سىقىلىشتىن قۇتۇلالمايدۇ، يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە بولسىمۇ، رەببى كۆكسىنى دېڭىزدىن كەڭ قىلىدۇ. شۇنداق كىشىلەر باركى، تېرىسى ئاق بولغىنى بىلەن قەلبىنى زۇلمەت قاپلىغان، يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، تېرىسى قارا بولغىنى بىلەن قەلبىنى ھىدايەت نۇرى يورۇتقان! شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بار تۇرۇپ تەنھالىق قۇملۇقىدا غېرىپسىنىدىغان، يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، بىرمۇ قېرىندىشى يوق تۇرۇپ ئۆيىدىن دوست - مېھمانلىرى ئۈزۈلمەيدىغان! شۇنداق كىشىلەر باركى، ئالدىڭدا «دوستۇم» دەپ ئارقاڭدىن ئورا كولايدىغان، يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، دۈشمەن بولسىمۇ ھەقتىن قورقۇپ جېنىڭنى قۇتقۇزىدىغان! شۇنداق كىشىلەر باركى، شۇنچە كۆپ مال - دۇنياسى بولسىمۇ ھارامغا شۆلگەي ئېقىتىدىغان، يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۆزى پېقىر بولسىمۇ ساۋاب ئىزدەپ سەدىقە قىلىدىغان! شۇڭا، رەببىمىز ئاللاھ ئۆز ھۇزۇرىدا پاشىنىڭ قانىتىچىلىك قىممىتى بولمىغان بۇ دۇنيانى «دۇنيا! » دەپ ئاتىدى ۋە سالىھ ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادىتى بولغان شۇ گۈزەل جەننەتنى «ئۇليا! » دەپ ئاتىدى. ياخشىلىقلىرىمز ۋە ئىللىق مۇئامىلىلىرىمىز ئۇنتۇلمايدۇ، شۇڭا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا بەخت بېغىشلىيالىغان ۋاقتىمىزغا پۇشايمان قىلمايلى! قىلىنغان ياخشىلىق ۋە تەبەسسۇم ئۇنتۇلماس، ساۋابىڭ ئاللاھتىندۇر ياخشىلىق بىكارغا ئاقماس! شۇنداق كىشىلەر باركى، باشقىلاردىن ئازار يېگەندە، كۆڭلىدە ئىنتىقام ئېلىشقا ۋەدە قىلدىيۇ، ئۇلارغا شۇنداق بەلەن ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى كەلگەندە، ۋىجدان غۇرۇرى: «كەچۈرۈم دېگەن كۈچى يېتىدىغان چاغدا بولىدۇ» دەپ ئۇلارنى توسىدۇ. ئالدىمىزدىكىنىلا كۆرۈپ كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايلى. چۈنكى، ياشلىقىدا پادىچىلىق قىلغان پەيغەمبەرلەرمۇ كېيىن ئۈممەتكە باش بولغان. كىم بىلمەس خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى كۆپتۇر، لېكىن ئۇندىن پاناھلىق تىلىگەن بىرەرى يوقتۇر. بەس! قورققىن ئەرلەرنىڭ غەزىپى ئوقتۇر، غەزەپتىن پەيغەمبەرمۇ پاناھلىق تىلىگەن، شۈك تۇر. غەم - قايغۇ زايەنىڭ چەمبىرىدە سەن، گەر چىقمىسا نامىزىڭ مۇھىم نۇقتاڭدىن. بىل، ناماز قوشنىدۇر جەننەت "غەلىبىگە"، جاۋاب بەر شۇڭا، مۇئەززىن تولار "غەلىبىگە" ئولتۇرساڭ ئۆيۈڭدە قىلماستىن ناماز، قانداقمۇ چىدايسەن چۈشكەندە دەۋزەخ قەھرىگە. بىزدە بىرەر كىشىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئەركىنلىكى بار، لېكىن ئۇنىڭلىق بىلەن ئۇ كىشىنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ھەققىمىز يوق. بىز ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن كېيىن چوقۇم ئاسانلىق كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، شۇڭا ئاللاھنىڭ ياردىمىنى كۈتىمىز، ياردەمنىڭ كېچىككەنلىكى قىيىنچىلىقنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغاندۇر، لېكىن بىز ئالدىراقسان ئىنساندۇرمىزكى، دائىم پۇرسەت كەلگۈچە ساقلاپ بولالمايمىز. ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئاللاھ بىزگە تەقدىر قىلغان نەرسە باشقىلارغا كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ پېشانىسىگە يېزىلغىنىمۇ بىزگە ھەرگىز خاتا تەگمەيدۇ! كىشىلەر بىر ئاقىل كىشىدىن: «سەن قېرىندىشىڭنى بەكرەك ياخشى كۆرەمسەن؟ دوستۇڭنىمۇ؟»دەپ سورىشىپتۇ. ئۇ ئاقىل كىشى: «قېرىندىشىمنى دوستۇم بولغىنىدا، دوستۇمنى قېرىندىشىم بولغىنىدا ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. بىز بىرەر كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئەمەس، ئۇ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈچە تەۋبە قىلالمىغىنىغا يىغلايمىز ۋە ھەر ۋاقىت «استغفر الله و اتوب اليه» "ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن" دەپ ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەيمىز. ئېيتىمىزكى، ئى رەببىم! ئەگەر بۇ يەردە مېنى بەختلىك ھالەتتە كۆرۈشنى يامان كۆرىدىغان بىر ھەسەتخور بولسا، ئۇنىڭغا مېنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان بىر بەختنى رىزىق قىلىپ بەرسىلە! قېرىنداشلىرىم! بۇ ئىمتىھان دۇنياسىدۇر، ھەممىمىز سىنالماقتىمىز، كىمنىڭ قاچان ئەجىلى توشىدۇ؟ ياكى ئىمتىھان ۋارىقى توشىدۇ، بۇنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز. شۇڭا، ئۆتۈنىمەنكى: بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلايلى! ئۆزىمىزنىڭ ئىمتىھان ۋارىقىغا دىققەت قىلايلى! باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەيلى! چۈنكى، بىز تەكشۈرگۈچى ئەمەس. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئاخىرەتتە بىز قىلغان ئەمەللەر باشقىلاردىن سورالمايدۇ، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ ئەمەللىرىمۇ بىزدىن سورالمايدۇ... «ئەڭ تاتلىق سۆزلەر» تەرجىمىدە: مىر ئالىم ھاجىم ئاۋازدا: ئابدۇۋەلى كىرىشتۈرگۈچى: مۇھەممەد سابىر مۇھەممەد