У нас вы можете посмотреть бесплатно 22/2/2023 ياپون ۋە تەيۋەندە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تايلاندقا بېسىم كۈچەيدى تايلاندتا 49 ياشلىق ئۇيغۇر مۇھاجىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 9 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 50 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەلۇم بولغىنىدەك ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا پايتەخت بانكوكتىكى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە يىقىلىپ قازا قىلغان. ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ چىققان ۋە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 350 دىن ئارتۇق پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ بىرى. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى مەھبۇسلار بىلەن ئالاقىلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۈچ ھەپتە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى يەرگە يىقىلىپ بولغۇچە دوختۇرخانىغا ئەۋەتىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى فىل روبېرتسون: «بۇ ئۆلۈم تايلاندنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە تاشلاش ۋە ئۇنتۇش سىياسىتىنىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان نەتىجىسى» دېدى. ياپون ۋە تەيۋەندە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ياپونىيە ۋە تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەندى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى رۇشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتناشقان پائالىيەتلەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ يىللىق پارلامېنتلار ئارا خىتايغا قارشى ھەمكارلىق يىغىنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباس يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ يىراق ئاسىيادىكى ئىككىنچى بېكىتى تەيۋەن بولدى. ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پائالىيەتلەردە بولدى. خىتاينىڭ رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشى رېكورت ياراتقان روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى باشلانغاندىن بۇيان، دۇنيادا نېفىت ۋە باشقا ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەردى. روسىيەنىڭ خىتايغا نېفىت ۋە يېقىلغۇ توشۇش مىقدارى 1-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. سانلىق مەلۇمات ئاخبارات شىركىتى Kpler نىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي روسىيە نېفىتىنى ئافرىقا نېفىتىنىڭ سۈپىتىدىن تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشقا باشلىغان. كپلېرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، روسىيەنىڭ خىتايغا نېفىت ئېكسپورتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 660 مىڭ باك بولغان. خىتاي: ئامېرىكا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قورال مەنبەسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن روسىيەنى قورال ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قورال مەنبەسى» دېدى. باياناتچى ۋاڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ كىيېۋ زىيارىتى جەريانىدا ئۇكرائىناغا 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 19-فېۋرال ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن روسىيەگە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ترامپ: پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم روھىي ئىقتىدار سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىلان قىلغان يازمىسىدا، ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا كاندىدات بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كاندىداتلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن تولۇق روھىي ئىقتىدار سىنىقى قىلىشقا قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تىرامپ ھازىر 76 ياشتا بولۇپ، رەسمىي ھالدا 2024-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا نامزات بولغان. ئۇ يەنە كاندىداتلارنىڭ خىزمەتكە جىسمانىي جەھەتتىن ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە سىناق قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur