У нас вы можете посмотреть бесплатно سۈمەييە ھاشىمجان - رەڭلەرنىڭ مەنىسى или скачать в максимальном доступном качестве, видео которое было загружено на ютуб. Для загрузки выберите вариант из формы ниже:
Если кнопки скачивания не
загрузились
НАЖМИТЕ ЗДЕСЬ или обновите страницу
Если возникают проблемы со скачиванием видео, пожалуйста напишите в поддержку по адресу внизу
страницы.
Спасибо за использование сервиса ClipSaver.ru
☑️سۈمەييە ھاشىمجان - رەڭلەرنىڭ مەنىسى☑️ مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىسى سۈمەييە ھاشىمجاننىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى ئورۇنلاشتۇرغان 7-قېتىملىق «مەن ناتىق» ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ #سەنئەت_ئەلچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «رەڭلەرنىڭ مەنىسى» ناملىق ئەسىرى... رەڭلەرنىڭ مەنىسى رەڭلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ئوخشىمىغان مەنلىرى بار. ئەگەر ئۇ قىزىل رەڭدىن باشلانسا، ئاچچىقلىنىش، ئۇلۇغۋار ۋە رەھبەرلىك دېگەن مەنىدە بولىدۇ. نېمىشقىدۇر، مەن ۋە دوستلىرىم مېنى قىزىلغا ئوخشىتىدۇ. ئاپلىسىن رەڭ ماڭا قىزغىنلىق، جۇشقۇن ۋە ئىجادچانلىقنى ئېيتىدۇ، مەندە ئاپلېسىننىڭ ئېنېرگىيىسى بار. سېرىق قۇيايشنىڭ پارقىراقلىقىنى ۋە ئۈنۈمدارلىقنى سۆزلەيدۇ. يېشىل بولسا، تېنچلىق، يېڭىلاش ۋە ئۈمىدنى سۆزلەيدۇ. كۆك، ئاسمان ۋە ھېكمەتنى ئېيتىدۇ. كۆك مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەرنىڭ بېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەنمۇ كۆككە ئوخشاش ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىشنى خالايمەن. بىنەپشە رەڭ ھەشەمەتتە ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. مەن ھەشەمەتچىلىكتە ياشاشنى خالايمەن. دادام ئەزەلدىن مېنى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگۈزىدۇ. ھالرەڭ، مۇھەببەت، نۇمۇس تۇيغۇسى ۋە ھالرەڭ ئورتاقلىشىشقا ماھىر. مۇھەببەتتە، مەن ھەممە كىشىلەرنى ياخشى كۆرەلمەيمەن. مەن بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادەم بولسا مېنىڭ دادام. قوڭۇر رەڭ كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. قارىنىڭ قايغۇ، ئاچچىقلىنىش، تۇرمۇش قاراڭغۇ دېگەندەك ھېسسىياتلىرى بار، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى يالغۇز دەپ ئويلايدۇ. سالقىن، كۈچلۈك، ئەسكىلىك ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دېگەندەك ھېسسىياتلارنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. قارا رەڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەر ئىچىدە. مەن ئۆزۈمنى قارىنىڭ ھېسسىياتىغا لايىق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەن ئەڭ كۆپ قارىنىڭ ھېسسىياتىنى ھېس قىلدىم. بەك كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، ھەركۈنى يىغلىغۇم كېلىدۇ. ئۆزۈم بىلمەيمەن، نىمىشقا كۆڭلۈم يىرىم بولغانلىقىنى. ئاق ياخشىلىقنى ۋە پاك قەلپنى چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭچە ئاق رەڭگە تەۋە ئەمەسمەن. ئۇنداقتا مېنىڭ يېقىن چەمبىرىكىم نېمىشقا مېنى ئاق رەڭكەن دەپ ئويلايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەن بارلىق رەڭلەرگە ئىگە بولۇشنى خالايمەن. چۈنكى ھەربىر رەڭنىڭ ھەممە ئادەمگە ئوخشىمىغان مەنىسى بار. شۇڭا مەن ئون خىل رەڭنىڭ ھەربىرىگە مەنە ھەرخىل مەنە بەردىم. چۈنكى مەن ھەربىر رەڭدىكى ھېسسىياتقا ئىگە بولۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاسانلا چۈشىنىشنى ئويلايمەن.